{{ v.name }}
{{ v.cls }}类
{{ v.price }} ¥{{ v.price }}
قانداق ئەھۋال ئاستىدا باشقىلارنىڭ ماركسىنى ئىشلەتسەك ھوقوققا چىقىلغان بولمايمىز
« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى » 57 - ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە ، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ : تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىجازىتىسىز بىر خىل تاۋارغا ماركىسىغا ئوخشاش تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەنلەر ؛
ئىككى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىجازىتىسىز بىر خىل تاۋارغا رويخەتكە ئېلىنغان ماركىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ياكى ئوخشاش تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ ئارلاشتۇرۋىتىش ،
ئۈچ: رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغان تاۋارلارنى ساتقان بولسا .
تۆت : رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ بەلگىسىنى ياسىۋالغان ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ياسىغان ياكى يالغان ، ئۆز مەيلىچە ياسىغان تاۋار ماركىسىنىڭ بەلگىسىنى ساتقان بولسا ؛ ;
بەش : تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى قۇشۇلمىغانلىرىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئالماشتۇرۇۋەتكەن ھەمدە تاۋار ماركىسىنى ئالماشتۇرۇۋەتكەن تاۋارنى بازارغا سالغان بولسا ؛ ;
ئالتە :باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا قەستەن قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىپ ، باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىشىغا ياردەم بەرگەن بولسا ؛
; يەتتە باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا باشقا زىيان يەتكۈزگەن بولسا .
قانداق ئەھۋاللاردا باشقىلارنىڭ تاۋار ماركا ھوقوقىغا چىقىلغان بولمايمىز
ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ ماركىسنى ئىشلىتىش جەرجانىدا قانۇنلۇق ، ھوقوققا چىقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدىغان بىرقانچە ئاماللار بار
بىرىنچى :3 - تەرەپنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئادىل خەۋەر قىلىش ، باھا بېرىش ، تەنقىد قىلىش قاتارلىق مۇۋاپىق نەقىل كەلتۈرۈش : ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ، ئىلىم مۇنبىرى قاتارلىق توغرا سورۇنلاردا خەۋەر قىلىش ، باھا بېرىش ، تەنقىد قىلىش ، تەتقىق قىلىش قاتارلىق مەقسەتتە باشقىلارنىڭ تاۋار ماركا بەلگىسى ئىشلىتىلسە ، ھوقوققا دەخلى قىلىش قىلمىشىنى شەكىللەندۇرمەيدۇ ، ئەمما قەستەنلىك بىلەن باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنىڭ ئوبرازىنى چۈشۈرۈشكە ، قەستەنلىك بىلەن يامان خەۋەر تارقىتپ باشقىلارنىڭ مەنپەتىگە دەخلى يەتكۈزسە بولمايدۇ
ئىككىنچى : تاۋار ماركىسىنى تەشۋىق قىلىش جەريانىدا ياكى ئورالمىدا باشقىلارنىڭ ئىلتىماس قىلغان يەرنام ماركىلىرى قوللىنىسا بولىدۇ ، بۇ ھوقوققا چىقىلىش ھەركىتىنى شەكىللەندۇرمەيدۇ ، مەسىلەن < ئالما > ماركىسى نى ئالما تەملىك ئىچىملىك دەپ قوللىنىپ مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىلسا ۋە ئورالمىدا ئىشلىتىسە ئالما شىركىتىنىڭ ھوقوق بىرىشى ھاجەتسىز .
ئۈچۈنچى : تاۋار ماركا ئىگىسى ئۈچۈنچى بىر تەرەپ نىڭ ئىشلىتىشىگە قوشۇلغان بولسا ياكى ئىجازەتنامە بەرگەن بولسا ،قانۇنلۇق ھالدا ماركا ئىسىمى ، شەكلى ، بەلگىسىنى قويۇپ پايدىلانسا بولىدۇ ، ئەمما پايدىلىنىش ۋاقتى تاۋار ماركا ئىگىسى تەرپىدىن بىكىتىلدىغان بولۇپ ، ئىجارەت بىرىلگەن ۋاقىت توشقاندىن كىين تاۋار ماركا ئىگىسى داۋاملىق ھوقوق بىرىشكە قوشۇلسا دۋاملىق ئىشلەتسە بولىدۇ ، ئەمما تاۋار ماركا ئىسىگىسى قوشۇلمىسا دەرھال ئىشلىتىشتىن توختىتىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ماركا ئىسىمى ، بەلگىسى ، شەكلى قاتارلىقلارنى توختىتىش لازىم.
تۆتىنچى :تاۋار ماركىسىنىڭ خاسلىق ئالاھىدىكى كەم بولغان بولسا ھەمدە پەرىقلەندرۇشكە تەس بولغان ئەھۋال ئاستىدا باشقىلار ئوخشاش تۈر ۋە مۇلازىمەتتە قوللانسا ماركا ھوقوقىغا چىقىلىش قىلىمىشى ھازىرلانمايدۇ .
بەشىىنچى : باشقا قانۇنى سەۋەبلەر
ئايىم ئەھۋاللارغا دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن نىزاملىرىغا ئاساسىلىنىپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ماركىسىنى قانۇنلۇق ھالدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ ، مەسىلەن <جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىىتنىڭ مونوپۇللۇققا قارىشى تۇرۇش قانۇنى >> دىكى بەلگۈلىمىلەر بويىچە ئادىل رىقابەتلىشىش جەريانىدا ، باشقا شىركەتلەرنىڭ تاۋار ماركىسى بىلەن ئۆزىنىڭ نىشان مەھسۇلاتتىنىڭ سۈپىتى ھەمدە ئالاھىدىكىلىنى سىلىشتۇرۇپ ئىشلىتىلگەندە باشقىلارنىڭ تاۋار ماركا ھوقوقىغا چىقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ ، ئەمما قەستەنلىك بىلەن ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى كۆپتۇرۇپ ، باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر كۆرتىسىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە << جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىىتنىڭ تاۋار ماركا قانۇنى >> ، << جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىتى ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى >> قاتارلىق قانۇن نىزاملارغا ئىغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان دەپ قارىلىدۇ .