{{ v.name }}
{{ v.cls }}类
{{ v.price }} ¥{{ v.price }}
مىللىچە يىزىقتىكى تاۋار ماركىلارنىڭ تەستىقلىنىشىنىڭ تەس بولۇش توغۇرىسدا ئۇقتۇرۇش
2023-يىلى 1-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئەڭ يىقى نۇسقىدىكى تاۋار ماركا تىزىملىك تۈرى ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۆلچىمى يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ 2020-يىلىدىن تاكى ھازىرغىچە ئىلتىماس قىلغان ماركىلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۆلچىمى بارغانسىرى قىيىنلاشتى،
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغۇنىدەك مەيلى رەسىملىك ھالەتتە ئىلىنغان ماركىلار بولسۇن ياكى يىزىق ، شەكىل ، بەلگە بىرىككەن ماركىلار بولسۇن ، تەستىقلىنىش جەريانى ئۇزىراپ ، ئاخىرىدا قولىمىزغا كەلگىنى ماركىنىڭ قايتۇرۋىتىلگەنلىك ئۇقتۇرۇشى بولىۋاتىدۇ ، يىغىنچاقلاپ ئىيتقاندا تاۋار ماركىسىنىڭ بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل يىزىغىدىكى ماركىلارنىڭ تەستىقلانمىقى ئىنتايىن تەس بوپ كەتتى ، بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب
بىرىنچى : ماركىغا ئىسىم قويۇلغاندا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل يىزىغىنىڭ لوگىكىسىغا ، گىرامماتكىسىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ياكى لوغەت مەنىسى يوق ئىسىملار مەسىلەن :روسسى ، رۇبىنا ، لونارو دىگەندەك ئۇيغۇرچە مەنىسى يوق ئىسىملار
ئىككنچى : گەرچە يوللغان ماركا ئىسمى لوگىكىغا ئۇيغۇن كەلسمۇ بىراق لاھىيەنگەن ماركا شەكلىدە (لوگو ) دا خاسلىقى يوق ، ياكى باشقىلارنىڭ ماركا شەكلىنى دورىغان ئەھۋاللار ،
ئۈچۈنچى : تەكشۈرۈش جايىدا بولماسلىق سەۋەبلىك قايتىپ كىتىش ، تاۋار ماركىسنى تەكشۈرگەندە چوقۇم تەكشۈرۈش خىزمىتىنى جايدا ئىشلەش لازىم،بۇ جەرياندا ماركىنىڭ ئۆتۈش نىسپىتىنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كىين ئاھاڭداش ياكى مەنىداش ، ۋە ياكى دۆلەت تىل يىزىقى ، پىنيىنچە ھەرىپ ، شەكىل قاتارلىقلارنىمۇ تەپسىلى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كىين ئۆتۈش نىسپىتى 60 پىرسەنتىن يۇقىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدا سىناپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز ، 60 پىرسەنتتىن تۆۋەن بولغان ماركىلارغا قارتا ۋاز كىچىشنى تەۋسىيە قىلىمىز .
تۆتىنچى : پارچىلاپ ئىلتىماس قىلىش ، بۇ دىگىنىمىز ئەگەر ماركىمىزنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ ئۆتۈش ئىھتىماللىقى يۇقىرى ، مەلۇم قىسمىنىڭ ئۆتۈش ئىھتىماللىقى تۆۋەن بولسا ماركىنىڭ خەت ، رەسىم ، بەلگە قىسمىنى ئايرىم ئاريىم ھالدا پارچىلاپ ئوخشاش بىر تۈرگە ئىتلىماس قىلىشنى تەۋىسيە قىلىمىز ، بۇ جەرياندا ماركىنىڭ قايتىپ كىتىش ئىھتىماللىقى تۆۋەنلەيدۇ.
بەشىنچى : ئاھاڭداش ئىسىملارنىڭ ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ئىلتىماس قىلىشتىن ساقلىنىش ، مەسىلەن ئاھاڭداش ئىسىملار بوپ قالسا ئىلتىماس قىلغان ئون كىچىك تۈرلەرنىڭ ئوخشىشىپ قىلىشىدىن ساقلىنىش لازىم ، 30- تۈردىكى ھەسەل ۋە ئاھاڭداش ماركىدا يەنە ھەسەل تۈرى بوپ قالسا ھەسەلچىلىككە مۇناسىپ ئوخشىمىغان تۈرنى ئىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز .